UyghurMain Dictionary
ئۇرۇش مەزگىلىدە يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلىش جىنايىتى
Domain: جىنايەت ۋە جازابۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئورنىدا، قۇتقۇزۇش - داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق كېسىلى خەۋپلىك، ئېغىر ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەرتىپى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ھاياتىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئورنىدا، قۇتقۇزۇش - داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق كېسىلى ئېغىر، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىي خادىملار ئىچىدىكى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەجبۇرىيىتى بولغان ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
445 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئورنىدا، قۇتقۇزۇش، داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق كېسىلى خەۋپلىك، ئېغىر ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ يارىدار كېسەل ھەربىيلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇشىنى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.