UyghurMain Dictionary
ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى
Domain: جىنايەت ۋە جازابۇ - پۇقرالارنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - پەقەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش شەرتىنى ھازىرلىغان جۇڭگو پۇقرالىرىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
376 - ماددا 2 - تارماق ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۆزىنى قاچۇرغان پۇقرالاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.