UyghurMain Dictionary
ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتى
Domain: جىنايەت ۋە جازابۇ - ئۇرۇش مەزگىلدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ھەربىي قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
381 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.