ئىزخىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن، ياپىلاق، گۈلى كونۇسسىمان گۈل رېتىدە، تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. غول ۋە يوپۇرمىقىدىن ئىزخىر مېيى ئېلىنىپ ئەتىرنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.