ئىزنا (ئىزناسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە نەرسىنىڭ دەسسىگەن ياكى تەگكەن ئىزى؛ بەلگە:[مىسال:] ئۇ كالاچ سېپىۋالغان ئاياغلىرىنى كىيىپ كونا تام ئىزناسى بىلەن يېڭى تام ئارىلىقىنى ماڭداپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② قالدۇق ئىز:[مىسال:] بۇرۇن ياسىغان يوللارنىڭ يامغۇر-يېشىندا ئىزناسى قالمىدى.[يەشمىسى:] ③ رەسىم ياكى جىسىمنىڭ سىرتقى گىرۋەكلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى سىزىق؛ ئومۇمىي كۆرۈنۈش؛ دائىرە:[مىسال:] ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئىزناسىنى سىزىپ چىقاردى.[يەشمىسى:] ④>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاش ئويما، مىس قورال قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شەكلى ۋە ئۈستىدىكى رەسىم، يېزىق قاتارلىقلارنىڭ قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرىلغان ئىزى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دىر:[مىسال:] ئىزناسىنى قايتۇرماق. ئىزناسىنى چىقىرالماسلىق.