ئۈزمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قول-پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ سۇدا يۈرمەك، بىر تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ سۇنى يېرىپ ئىلگىرىلىمەك:[مىسال:] دەريادا ئۈزۈپ كېلىۋاتقان كىشى ئىككى ئىدى.[يەشمىسى:] ② لەيلىمەك، لەيلەپ يۈرمەك (بولۇت قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇلۇتلار ئاسماندا ئۈزۈپ يۈرمەكتە. * رۇقىيە بۇلۇتلار ئارىسىدا بىر يوقىلىپ، بىر پەيدا بولۇپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئايغا قارىغىنىچە خىيالغا كېتەتتى.