ئۈزمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچ بىلەن بىرەر نەرسىنى تاتىپ پۈتۈنلەي ئاجراتماق، بۆلمەك:[مىسال:] ئارغامچىنى ئۈزمەك. بوغقۇچنى ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ② ھەر خىل مېۋە، گۈل قاتارلىقلارنى ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئاجراتماق:[مىسال:] ئۈزۈم ئۈزمەك. گۈل ئۈزمەك. قوغۇن ئۈزمەك. تاۋۇز ئۈزمەك. يوپۇرماق ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈگەتمەك، تۆلىمەك:[مىسال:] ئۇ بۇ يىل يېرىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، گەدىنىدىكى قەرزلەرنى پۈتۈنلەي ئۈزگەندىن تاشقىرى، ئېشىنغان پۇلىغا بىر ئات سېتىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ھەرىكەت، پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرماق، توختاتماق:[مىسال:] مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك. گەپنى ئۈزمەك، ئۈمىدنى ئۈزمەك. ئالاقىنى ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ⑤ مەھرۇم قىلماق، خالىي قىلماق:[مىسال:] ئاشلىقتىن ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ⑥ ئاتماق، چىقارماق (ئوق ھەققىدە):[مىسال:] رەجەپ ساق-سالامەت دەرياغا چۈشتى ۋە ئارقىچىلاپ مېڭىپ قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى.