UyghurMain Dictionary
ۋاي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاھ، ۋاي؛ مۇسىبەت، غەم، غۇسسە:
خە ئۆزرە بولۇپ گەھى سىمەن ساي،
ماتەملىك ئېتەرگە ئىشىق ئېلىن، ۋاي.
ئەرشى.
ئىشتسەڭ ۋە كۆرسەڭ ئىچىڭ ئاغرىغاي،
كېيىن فايدە بەرمەس نەدامەتكە ۋاي.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ قاقشاش، ھەسرەتلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي دوستۇم، ئۇ كۈنلەردە مۇنداق ئىشلار كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەن.
قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، جىملەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي سادەتخان! ئەمدى كەلدىڭىزمۇ؟ سازچىلار سىزدىن رەنجىشتى.
ئوڭايسىزلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي ئەپەندىم، بۇ نېمە قىلغانلىرى.
جىددىيلىشىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي، ئۇلار كېلىپ قالدى! چاپسان بولۇڭلار.
ئاغرىش ئىماسىنى بىلدۈرۈپ، ئاغرىغان ئەزانى بىلدۈرىدىغان سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ.
ۋاي قولۇم! قولۇمنى دەسسىۋالدىڭ.
ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن يىغلىغاندا شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىپ يىغىنى كۈچەيتىدۇ.
تۇيۇقسىز يان ھويلىدىن ۋاي ئاتام، ۋاي قېرىندىشىم دېگەن يىغا ئاۋازى چىقتى.
ۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ قاقشاش، ھەسرەتلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي دوستۇم، ئۇ كۈنلەردە مۇنداق ئىشلار كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەن.[يەشمىسى:] ② قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، جىملەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي سادەتخان ئەمدى كەلدىڭىزمۇ سازچىلار سىزدىن رەنجىشتى.[يەشمىسى:] ③ ئوڭايسىزلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي ئەپەندىم، بۇ نېمە قىلغانلىرى.[يەشمىسى:] ④ جىددىيلىشىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي، ئۇلار كېلىپ قالدى چاپسان بولۇڭلار.[يەشمىسى:] ⑤ ئاغرىش ئىماسىنى بىلدۈرۈپ، ئاغرىغان ئەزانى بىلدۈرىدىغان سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ۋاي قولۇم قولۇمنى دەسسىۋالدىڭ.[يەشمىسى:] ⑥ ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن يىغلىغاندا شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىپ يىغىنى كۈچەيتىدۇ:[مىسال:] تۇيۇقسىز يان ھويلىدىن ۋاي ئاتام، ۋاي قېرىندىشىم دېگەن يىغا ئاۋازى چىقتى.