تالاشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «تالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بارلىق ياراشتۇرىدۇ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② بۆلۈپ تەقسىملىمەك، تارقاتماق:[مىسال:] ئۇ بىر كالىنى سويۇپ، مەھەللىدىكى ئاجىز-ئورۇق، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا خام تالاشتۇرۇپ بەردى.