ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ بىرى. جىگەر رەڭلىك، يومشاق كېلىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1 . سۆگەت .
تالگۈل.* مەجنۇنتال، چوكانتال.* تال چىۋىق.* قامچا سۇدا تال كۆكىرەر ( ماقال ).* ئۆستەڭ يارىشىقى تال، قىز يارىشىقى خال ( ماقال ). تۆگە تالغا ئامراق، سودىگەر پۇلغا ( ماقال ).
2.تەك. تال كۆممەك، تال ئاچماق.* تېلىنى سورىماي ئۈزۈمىنى يە ( ماقال ). شۇ كۈنلەردە شالدا، مالدا، تالدا بەرىكەت بار.* ئۆلۈشىگە چىدىساڭ مال ئەت، كۆمۈشىگە چىدىساڭ تال ئەت.( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تالماق، تېلىش. چارچىماق، ھالسىزلانماق، ھارماق
قول تالماق، كۆز تالماق.* تىلەك بولسا، بىلەك تالماس ( ماقال ).* ئايىغىڭ تالسا تالسۇن، قورسىقىڭ تويسۇن *( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز
دانە، نەپەر
بىر تال سەرەڭگە.* ئىككى تال ئوق.* ئۈچ تال تاماكا.* بىر تال باش _ بىر قوشۇق ئاش ( ماقال ).* بىر تال ماياق بىر قازاننىڭ ئېشىنى پاسكىنا قىلار ( ماقال ).* توڭگۇزنىڭ بىر تال تۈكىنى يولغىنىم يۇلغان.* بۇ ئىشتىن مېنىڭ بىر تالمۇ خەۋىرىم يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غازاڭ تاشلايدىغان دەرەخ، تۈرى كۆپ.
ئۆستەڭنىڭ يارىشىقى تال، قېرىنىڭ يارىشىقى خال. تامچە سۇدا تال كۆكىرەر. سۆگەتكە ئەۋرىشىملىك يارىشار، قېيىنغا قاتتىقلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەددى - قامىتى كېلىشكەن، غايەت گۈزەل.
خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك. ياشلىق چېغىڭ _ زىلۋا چېغىڭ. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن لەۋەن.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتال.
زىلۋا بويلۇق كىشىمۇ زىلۋالىقتا تالغا ئوخشىتىلىپ « تال بوزلۇغ» دېيىلىدۇ. بۇ سۆزكۆپىنچە زىلۋا، نازۇك بويلۇق قىزلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
3 - 214
Domain: بىئولوگىيەئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى ئەڭ چوڭ لىمفا ئورگىنى ھەم قان ئايلىنىشتىكى مۇھىم قان ئىسكىلاتى بولۇپ، قارامتۇل قىزىل رەڭلىك بولىدۇ. ئۇ قان سۈزۈش، قان ياساش (ئاساسلىقى تۆرەلمە دەۋرىدە)، قان ساقلاش ھەمدە ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسىگە قاتنىشىش قاتارلىق فۇنكسىيىلەرگە ئىگە. شۇڭا تال قاننىڭ مىقدارىنى تەڭشىيەلەيدۇ، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلالايدۇ، قېرىپ زەئىپلەشكەن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى بۇزالايدۇ ۋە باشقىلار. ئادەمنىڭ تىلى قورساق بوشلۇقىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىگىرەك جايلاشقان بولۇپ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ چوڭلۇقى قوۋۇرغىنىڭ ئاستىنقى گىرۋىكىدىن ئاشمايدۇ. ئۇنى قورساق قىسمىدىن سىلاپ بىلىشكە بولمايدۇ، لېكىن بەزگەك، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغان كېسەللەرنىڭ تىلى ئادەتتە ئىششىپ يوغىنايدۇ. ئۇنى پەقەت شۇنداق چاغلاردىلا تۇتۇپ بىلىش ئاسانراق، تىبابەتچىلىك ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، گەرچە تالنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيىسى بولسىمۇ، لېكىن يېتىلگەن ئادەمنىڭ تېلىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتىنى باشقا ئورگانلار قىسمەن ھالدا ئۆتىيەلەيدۇ، بەدەنگە نىسبەتەنمۇ ناھايىتى روشەن تەسىرى كۆرۈلمەيدۇ.