سايىسىدا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ① سايە ئاستىدا:[مىسال:] بۇغداينىڭ سايىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئارقىلىق، ئارقىسىدا؛ تۈپەيلى، تۈپەيلىدىن:[مىسال:] ئۆزلىرىنىڭ ئاتىدارچىلىق بىلەن قىلغان ئىلتىپاتلىرى سايىسىدا بىر ئاز پۇللۇق بولۇپ قالدۇق.