ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تېرىلمايدىغان تاشلىق، شېغىللىق جاي.
قېچىرنىڭ بىڭسىنى سايغا چىققاندا كۆز، تاماشاسىنى لايدا (ماقال) . * سايدا تاش تېپىلماپتۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
ھېلى، ھازىر، بايا (خوتەن دىئالېكتىدا) .
مەن ساي كەلدىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
<سا> غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز بولۇۋاتقان چاغدىن سەل بۇرۇن.
«ساي» ، «ساي تىن» خوتەن دىئاكېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
بايا كەلسەم، يوق ئىكەنسىز. باياتىن بولغان سۆز - چۆچەك ھەممىنى ئەندىشىگە سالدى. بايام ھەبىبە كەپكەتتى. بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق. ساي تۇرۇپ تۇرسىلا. ھازىر چىقىمەن. ساياتىن بۇ يەردە جىق ئادەم تۇراتتى. تىمىن كەلدىم _ بايا كەلدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ھىلى، ھازىر. مەسىلەن: ساي كەلدىم _ ھىلى كەلدىم ( « سايا » مۇ دېيىلىدۇ ).
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىساي.
3 - 217
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىساي يارىق _ تەڭگىلىك ساۋۇت.
3 - 217
Domain: دۇنيا تارىخى(1767 - 1862) فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، چاكىنا سىياسىي ئىقتىسادنىڭ ۋەكىلى. لېئاندىكى سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئەنگىلىيىدە سودىگەرچىلىك تەربىيىسىنى ئالغان. 1790 - يىلى <پروۋېنسې خەۋەرلىرى> ژورنىلىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1794 - يىلى <پەلسەپە، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە سىياسىي ئون كۈنلۈك گېزىتى>گە تەھرىرلىك قىلغان. ئىجرائىيە ھۆكۈمەت مەزگىلىدەبىر مەھەل مالىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. تىرىلىش دەۋرىدە ئەنگىلىيىگە ئىقتىسادنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئۇ ئادام سېمىت تەلىماتىنىڭ چاكىنا قىسمىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئابستراكىت، ئومۇمىي ماددى نەرسىلەر ئىشلەپچىقىرىشى دەپ قارىغان، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى چىقرىپ تاشلىغان؛ ئەمگەك، كاپىتال ۋە يەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈچ ئامىلىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئىشلەپچىقرىش جەريانىدا مەلۇم دەرىجىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۈنۈم يارىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىممەت يارىتىلىدۇ؛ ئىش ھەققى، پايدا ۋە يەر ئىجارىسى بولسا ئەمگەك، كاپىتال ۋە يەرلىك مۇلازىمەت ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە سىنپىي قارىمۇ قارشىلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغان. شۇنداقلاسىياسىي ئىقتىسادنى ئىشلەپچقىرىش، تەقسىمات ۋە ئىستىمال دېگەن ئۈچ قىسىم (ئۈچكە بۆلۈش ئۇسۇلى)غا ئايرىغان. بۇ نەزىرىيىلەرنى بۇرژۇئا چاكىنا ئىقتىسادشۇناسلىرى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى:<سىياسىي، ئىقتىساد توغرىسىدا>، <سىياسىي، ئىقتىساد دەرسلىكى> قاتارلىقلار.