مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلەر ياسىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ۋاستە.
دېھقانچىلىق سايمانلىرى، مېدىتسىنا ئەسۋانلىرى. تۆمۈر ئەسۋاب ئىشلىتىلمىسە دات باسىدۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. ھارۋىكەشنىڭ جابدۇقى پۈتمەس. ياغاچتا ياسالغان سايماننىڭ پانا يېمەيدىغىنى يوق. ئۇستام ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئاۋارە، قۇشناچىم ئۇپا - ئەڭلىكلىرى بىلەن ئاۋارە. دەستىگاھ پۇختىنىڭ ئىشى پۇختا. ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب، ئۈسكۈنە.
تەجرىبە شىرەسى ئۈستىگە تۈرلۈك سايمانلار قويۇلغانىدى.