UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددىي جەھەتتىن، مەنىۋى جەھەتتىن يار - يۆلەك بولماق.
ياردەم كۈتسەڭ، ياردەملەش. ئۆزئارا ياردەملەشمەك ئەر - خوتۇننىڭ ئوبدان ئۆتۈشىنىڭ ئەڭگۈشتىرى. بىلمىگەنگە بولۇشما. بولۇشساڭ جانغا بولۇش. ئالدىراپ قالغانغا قاراش. قاراشقانغا مىننەت قىلما. كۈچسىزلەرگە مەدەت بەر. دوستۇڭ تەس كۈنگە قالغاندا ياردەم قولۇڭنى سۇن. سەن چوڭ بولدۇڭ، ئەمدى ئاتا - ئاناڭنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قارىماقⅠ> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ھەممە ئادەم دېگۈدەك كوچىغا چىقىپ قومۇش باسقان ھارۋا - ماشىنىلارغا زوق بىلەن قاراشتى.
باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىشىپ بەرمەك، ياردەملەشمەك.
دادام ئۆلگەندىن كېيىن بىر قېرى ئايال تۇغقىنىمىز كېلىپ، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ، بىزگە قاراشتى.
قاراشماق[يەشمىسى:] ① «قارىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممە ئادەم دېگۈدەك كوچىغا چىقىپ قومۇش باسقان ھارۋا-ماشىنىلارغا زوق بىلەن قاراشتى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىشىپ بەرمەك، ياردەملەشمەك:[مىسال:] دادام ئۆلگەندىن كېيىن بىر قېرى ئايال تۇغقىنىمىز كېلىپ، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ، بىزگە قاراشتى.