UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارايدىغان، قارىمىغىدا بولغان.
شان - شەرەپ خەلققە مەنسۇپ. غەلىبە ئىرادىلىككە تەئەللۇق. ئۈكەر يانغا ئۆتسە، يازغا تەۋە، تۇماق گەدەنگە چۈشسە تازغا تەۋە. بىزنىڭ بارلىقىمىز خەلقىمىزگە تالىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر تەشكىلات، ئورگان قاتارلىقلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، ئۇنىڭغا قارايدىغان، تەۋە بولغان، بويسۇنىدىغان؛ باشقۇرۇشىدىكى، رەھبەرلىكىدىكى: مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر.
بىركىمگە تېگىشلىك، تەئەللۇق، ئۇنىڭغا قارايدىغان.
بۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق مېھمانخانىسى ئىدى.
باغلىق، ئۇ بولمىسا بولمايدىغان، موھتاج.
بىزنىڭ ئىستىقبالىمىز مۇشۇ قېتىمقى ياردىمىڭلارغا قاراشلىق بولۇپ قالدى.
قاراشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر تەشكىلات، ئورگان قاتارلىقلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، ئۇنىڭغا قارايدىغان، تەۋە بولغان، بويسۇنىدىغان؛ باشقۇرۇشىدىكى، رەھبەرلىكىدىكى:[مىسال:] مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر.[يەشمىسى:] ② بىركىمگە تېگىشلىك، خاس، ئۇنىڭ قولىدا، ئىختىيارىدا بولغان، ئۇنىڭغا تېگىشلىك، تەئەللۇق، ئۇنىڭغا قارايدىغان:[مىسال:] بۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق مېھمانخانىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ باغلىق، ئۇ بولمىسا بولمايدىغان، موھتاج:[مىسال:] بىزنىڭ ئىستىقبالىمىز مۇشۇ قېتىمقى ياردىمىڭلارغا قاراشلىق بولۇپ قالدى.