يالاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەستەرلەنمىگەن ياكى ئەستىرىگە پاختا ئېلىنمىغان، نېپىز، بىر قات:[مىسال:] يالاڭ پەشمەت. يالاڭ كىيىم.[يەشمىسى:] ② قىنىدىن چىقىرىلغان، ياكى غىلاپسىز، قىنسىز؛ يالىڭاچ (قىلىچ، پىچاق ھەققىدە):[مىسال:] خان ئوغۇل بىلەن سۇباشى توغرۇلبەگ ئۈچ-تۆت غۇلاچچە نېرىدا توختاپ، يالاڭ قىلىچىنىڭ پاينىكىنى پېشانىلىرىگە قويۇپ ئۈزەڭگىدە تىك تۇرۇپ تەڭ ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى.[يەشمىسى:] ③ تاق، يالغۇز:[مىسال:] يالاڭ پەش. يالاڭ تىرناق.