چايانئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چايان+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چايانئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. تۈگۈنەك غولى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش ۋە بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.