مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆمىلىگۈچىلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، تېنى بوغۇم _ بوغۇملۇق، ئۇمۇرتقىسىز زەھەرلىك جانىۋار.
يىلان _ چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ. سېرىقئېشەك چاققاندا دەرھال ئامال قىلش كېرەك، ئۆلۈم خەۋپى بار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ ئونىنچىسىنىڭ نامى.
ئۆكتەبىرنىڭ ئىنگلىزچىسى October بولۇپ، بۇ لاتىنچە Octo دېگەن سۆزدىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى سەككىز، يەنى سەككىزىنچى ئاي دېگەن بولىدۇ. قەدىمكى رىم يىلنامىسىدا ئەسلىدە بىر يىل ئون ئاي ئىكەن، كېيىن يىلنىڭ بېشىغا ئىككى ئاي قوشۇپ 12 ئاي قىلىنغان. 8 - ئاي 10 - ئايغا سۈرۈلگەن، نامى ئۆزگەرتىلمىگەن.
10 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 كۈنلۈك.
1 - ئۆكتەبر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈن، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمى (1949 - يىل).
1957 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى يەر شارى ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەن.
10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغان كۈن (1949 - يىل).
1964 - يىل 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلىمىز تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقان.
1945 - يىل 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ب د ت قۇرۇلغان.
9 - ئۆكتەبر دۇنيا پوچتا كۈنى.
14 - ئۆكتەبر دۇنيا ئۆلچەم كۈنى.
15 - ئۆكتەبر دۇنيا ئاشلىق كۈنى.
25 - ئۆكتەبر شار بايرىمى.
ھايۋاناتلار دۇنياسىچايان (سېرىقئېشەك) گۆشخور بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان بولۇپ ئۆمۈچۈكنىڭ تۇغقىنى، لېكىن ئۇنىڭ شەكىل ھالىتى ئۆمۈچۈككە ئوخشىمايدۇ.
چاياننىڭ پۈتۈن تېنى تولۇق قوراللانغان، تېنىنىڭ سىرتىنى خىتىن ماددىلىق ساۋۇت قاپلاپ تۇرىدۇ، بوغۇملارغا بۆلۈنمەيدىغان باش - كۆكرەك قىسمىدا كۆزىتىش رولىنى ئوينايدىغان ئاددىي كۆزى ۋە مۇرەككەپ كۆزى ھەم ئالتە جۈپ ھەرىكىتى چاققان پۇتلىرى بولىدۇ. بىرىنچى جۈپ ئامبۇرسىمان پۇتى قىسقۇچ پۇتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىككىنچى جۈپ غايەت زور قىسقۇچ پۇتى پۇت بۇرۇتچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى جۈپ قىسقۇچ پۇتىنى كۆتۈرگەندە كۈچلۈك تۆمۈر ئالىقانغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئوۋلارنى تۇتىدىغان قورالىدۇر. قالغان تۆت جۈپ پۇتى يۈگۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مېڭىش پۇتلىرىدۇر. چاياننىڭ قورساق قىسمى بىرقەدەر ئۇزۇن، بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈشى روشەن، ئالدى قورساق قىسمى يەتتە بوغۇملۇق بولۇپ، بىرقەدەر كەڭ، كېيىنكى قورساق قىسمى بەش بوغۇملۇق، بىرقەدەر تار، ئاخىرقى ئۇچىدا بىر شارچە تەنچىسى بولۇپ، ئىچىدە زەھەر سۇيۇقلۇقى ساقلىنىدۇ، ئۆسۈندە بولۇپ چىققان قىسمى قۇيرۇق تىكىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنى ئېگىز كۆتۈرسە خۇددى بىر قىلىچقا ئوخشايدۇ.
چايان كۈندۈزى ئارام ئېلىپ كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، كېچىسى تولۇق قوراللىنىپ، ھەيۋە كۆرسىتىدۇ. ئوۋغا يولۇقسا ئاياغ بۇرۇتچىسى بىلەن دەرھال قىسىۋېلىپ، قۇيرۇقىدىكى تىكىنىنى سانجىپ، ئوۋنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ بىر جۈپ چوڭ قىسقۇچ پۇتى ۋە بىر قۇيرۇق تىكىنىگە تايىنىپ ئۆمۈچۈك ياكى ھاشارات قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەپ ھەيۋە كۆرسىتىدۇ.
چاياننىڭ تۈرى كۆپ، مېكسىكا ۋە ھىندونېزىيە، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان زەھەرلىك چايان ئادەمنى چېقىپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. چايان ئوۋغا نىسبەتەن ۋەھشىي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى »جورا« سىغىمۇ ناھايىتى رەھىمسىزلىك قىلىدۇ. چېتىشىشتىن بۇرۇن چىشى، ئەركەك چايانلار پۇت بۇرۇتچىلىرىنى ئۆزئارا قىسىپ تۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرقانچە سائەت ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. ئەركەك چايان ئۇرۇقلاندۇرۇش رولىنى تاماملىغاندىن كېيىن چىشى چايان ۋەھشىيلىك ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، ئەركەك چاياننى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ ئۆزىگە يەم قىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، چايان بالىلىرىغا نىسبەتەن ھەسسىلەپ مېھرىبانلىق قىلىدۇ. چايان بالا تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، تۇغۇلغان بالىسى دائىم ئانىسىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋېلىپ بىمالال ياشايدۇ. ئانا چايان بالىلىرىنى ھاپاش قىلىۋېلىپ، تاكى بالا چايان يېتىلىپ مۇستەقىل ياشىغۇدەك بولغۇچە قوغداش مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىل ئورۇندايدۇ.
چايان مۇھىم جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولۇپ، پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ. تارتىشىشنى بوشاشتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار.