UyghurMain Dictionary
زورايماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ بولماق، بارغاسېرى زور بولماق.
قۇرت سۇردا كۆپىيەر، يامانلىق ھۇرۇنلۇقتا چوڭىيار. زورىغا زورايغان ئۇزۇنغا بارمايدۇ. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدامراق سۇنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يوغىنىماق، ئۆسمەك، يېتىلمەك، چوڭايماق؛ ئاينىماق.
بالىلارنىڭ يېشى زورايغانسېرى يېقىن كېلەچەك چېگرىسىنى يىراقلاشتۇرۇپ بېرىش لازىم.
جىقلىماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى زورايدى.
تەرەققىي قىلماق، كېڭەيمەك، راۋاجلانماق.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىلغارلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى.
كۈچەيمەك، ئاشماق.
غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىمىز بارغانچە زورايماقتا.
زورايماق [سۆز تۈركۈمى:] پېئىل [يەشمىسى:] ① يوغىنىماق، ئۆسمەك ، يېتىلمەك ، چوڭايماق؛ ئاينىماق: [مىسال:] بالىلارنىڭ يېشى زورايغانسېرى يېقىن كېلەچەك چېگرىسىنى يىراقلاشتۇرۇپ بېرىش لازىم.[يەشمىسى:] ② جىقلىماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك:[مىسال:] ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى زورايدى.[يەشمىسى:] ③ تەرەققىي قىلماق، كېڭەيمەك، راۋاجلانماق:[مىسال:] يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىلغارلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى.[يەشمىسى:] ④ كۈچەيمەك، ئاشماق:[مىسال:] غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىمىز بارغانچە زورايماقتا.