ئۇزاق-ئۇزاق[يەشمىسى:] ① ئارىلىقى ناھايىتى ئۇزاق، بەك يىراق، كۆز يەتكۈسىز:[مىسال:] ياڭراق خامان ناخشىسى، كېتەر ئۇزاق-ئۇزاققا؛ ئېتىز كۈيى نەغمىسى، خۇش كېلىدۇ قۇلاققا.[يەشمىسى:] ② خېلى ئۇزۇن بىر ۋاقىت، خېلى ئۇزۇن:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەر دائىم باتىمەنى كۆرگۈسى، قىز بىلەن ئۇزاق-ئۇزاق سۆزلەشكۈسى كېلەتتى.