ئۇزاقتىن-ئۇزاق[يەشمىسى:] ① ناھايىتى ئۇزاق، بەك يىراق:[مىسال:] مەن سېنى ئۇزاقتىن ئۇزاققا ئىزلەپ كەزمىگەن چۆل-جەزىرە، چىقمىغان تاغ-داۋان، كىرمىگەن سازلىق قالمىدى.[يەشمىسى:] ② ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت، خېلى ئۇزۇن:[مىسال:] بۇ يەرگە كۆپرەك قېرىلار توپلىشىپ، ئاڭلىغان-بىلگەنلىرى ھەققىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىدۇ.