ئۇۋىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇۋا ياساپ، ماكان تۇتۇپ ياشىماق، كۆپەيمەك (قۇشلار، يىرتقۇچلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇۋىلىدى ھۇقۇش، ئالۋاستى، چۆلسىرىگەن نامرات يېزىدا، باھارنى جۇت، ئەلنى غەم باستى، قايتتى ئىشلار كونا ئىزىغا.[يەشمىسى:] ② بىر جايدا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپىيىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ چاپىنىدا پىت ئۇۋىلىغانىدى.