UyghurMain Dictionary
ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت موللا باردا تىلىڭنى تارت
Domain: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت»بۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك، گەپدانلىق قىلىپ سۆزگە لوقما سالماسلىقىنى، بىراۋنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ ئۇستىلىق قىلماسلىقنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ خېلىدىن بۇيان سۆزلىنىۋاتقان ھېكايىلەرنى ئىچىدە باشتىن - ئاياغ بىر قېتىم ئەسلەپ چىقتى - دە: - دەرھەقىقەت، ئاتا - بوۋىلار «ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت» دەپتىكەن، مەن بۈگۈن نۇرغۇن بىلمىگە ئىگە بولدۇم، - دېدىم.