ئۇسسۇلغا سالماق[يەشمىسى:] ① ئۇسسۇلغا چۈشۈرمەك، ئۇسسۇل ئويناتماق:[مىسال:] بىر پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا سالسا، ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈلكىلىك ئەھۋالغا دۇچار قىلماق، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرماق؛ ئالدىماق:[مىسال:] ۋاي، ھىيلىگەر، شۇنداق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۇسسۇلغا سېلىپتۇ-دە؟