ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مىقدارى، ھەجمى كۆپەيمەك، ئاشماق، زورايماق.
كۈن چۈشكە يېقىنلاشقاندا، سۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، گەزمال ۋە قەنتلەر سۇغا چىلىشىپ نابۇت بۇلۇش خەۋپى تۇغۇلدى.
جىقلىماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك.
سايىم 5 - ئەترەتتە يۈز بەرگەن ماجىرانىڭ ئۇلغىيىشىنى، كۈتۈۋاتقاندەك قىلاتتى.
تەرەققىي قىلماق، كېڭەيمەك.
بىزنىڭ قوشۇنىمىز بارغانچە ئۇلغىيىپ بارىدۇ.
چوڭايماق، يوغىنىماق، ئۆسمەك.
ئۇ يېشى ئۇلغايغانسېرى، قىز - چوكانلارغا يوشۇرۇن كۆز سالىدىغان بولدى.