ئۈزۈمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى بېقىش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم:[مىسال:] توختى ئاكا دېگەن بىر ئۈزۈمچى، ئۇ قانداق قىلغاندا، ئۈزۈم مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئۈزۈم ساتىدىغان ئادەم، ئۈزۈم ساتقۇچى باققال.