ئۈزۈك Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈزۈلگەن، ئۈزۈلۈپ كەتكەن، ئۈزۈلۈپ قالغان:[مىسال:] ئۈزۈك ئارغامچا. ئۈزۈك يىپ. ئۈزۈك ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئۈزۈلگەن يېرى، ئۈزۈلگەن ئۇچى:[مىسال:] ئارغامچىنىڭ ئۈزۈكىنى ئۇلىماق. توك سىمىنىڭ ئۈزۈكى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان، ئۈزۈلۈپ چىقىدىغان، سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنمايدىغان:[مىسال:] ئۈزۈك ئاۋاز بىلەن «دوستۇم... نەگە... نەگە بارىسىز»-دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسقا، ئانچە ئۇزۇن ئەمەس:[مىسال:] ئۇلار كىچىككىنە ئۈزۈك سايدىن ئۆتۈپ، قارىيىپ تۇرغان مەھەللە دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن «چېقىر كۆز» سورىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازار يېگەن، سۇنۇق:[مىسال:] ئۇ بىچارىنىڭ دىلى بەكمۇ ئۈزۈكتەك كۆرۈنىدۇ.