ئۈست (ى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ تۆپە يۈزى، تۆپىسى:[مىسال:] ئۈستەل ئۈستى. ئىشكاپ ئۈستى. كىتابنى شىرە ئۈستىگە قويماق.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىكى جاي، تۆپىسى، بېشى:[مىسال:] تاغنىڭ ئۈستى. * شاھ قارىسا دەرەخنىڭ ئۈستىدە بىر يىلان ياتقۇدەك.[يەشمىسى:] ③ ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تاشقى تەرىپى، سىرتى؛ ئۇچا:[مىسال:] بۇ كۈنى ئۇ ئۈستىگە قارا شىپۇن دۇخاۋا كۆڭلەڭ، ناۋات رەڭ سارجىدىن پەلتۇ، پۇتىغا ئۇزۇن پاشنىلىق خۇرۇم توپلەي كىيىۋالغانىكەن.[يەشمىسى:] ④ شەخس قوشۇمچىسى ۋە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ: 1) دەل بىرەر ئىش-ھەرىكەت بولۇۋاتقان پەيت، چاغ ياكى ئورۇننى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان گەپ ئۈستىگە كېلەر (ماقال).[يەشمىسى:] 2) «..دىن تاشقىرى، ...دىن باشقا» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆي سوغۇق بولغاننىڭ ئۈستىگە زەي. * بۇلاڭچىلار ئۇنىڭ پۇلىنى بۇلىغاننىڭ ئۈستىگە قاتتىق ئۇرۇۋەتتى.[يەشمىسى:] 3) «ئاساسىغا، بەدىلىگە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ياللانما ئەمگەك تامامەن ئىشچىلارنىڭ ئۆزئارا رىقابىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ⑤ شەخس ۋە چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ چېتىلغان ئوبيېكتى ياكى دائىرىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قازانماق. بىراۋ ئۈستىدىن ئەرز قىلماق.[يەشمىسى:] ⑥ شەخس قوشۇمچىسى ۋە ئورۇن كېلىش ياكى چىقىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، «ھەققىدە، توغرىسىدا» دېگەن يۈكلىمىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھەركۈنى ھەر ياڭزا ئىنكاسلار چىقىپ تۇرىدۇ، مەن بۇنداق ئىنكاسلارغىمۇ ئادەتلىنىپ قالدىم.