ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بېشى ياكى مۈڭگۈزى بىلەن ئادەم ۋە نەرسىلەرنى سوقماق، ئىتتەرمەك.
تۇرغان تامغا ئۈسسەڭ بېشىڭ يېرىلار (ماقال).
بۆرتمەك.
ئىككى رازۋېدكىچى دەريا ئۈستىگە لەمپە بولۇپ ئۈسۈپ چىققان ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ماشىنىلارنىڭ كەينىدىن قاراشتى.
كۆچمە. دوقۇرماق.
مېنىڭچە، قاتىللارنىڭ تەپتارتماستىن مۇشۇ تەرەپلەردە ئۈسۈپ يۈرگىنىدىن قارىغاندا، بىرى بولمىسا بىرى ئورمانلىقنىڭ خۇيىنى بىلىدىغان نېمىدەك قىلىدۇ.
كۆچمە. ئارتىپ قويماق، دۆڭگىمەك.
ئۇ پۇلىنى يوقىتىپ قويۇپ باشقىلارغا ئۈسۈۋاتىدۇ.