Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىئۈنمەك، چىقماق، يۈكسەلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىخلىنىپ، يىلتىز تارتىپ، يەر ئۈستىگە چىقماق (دان، ئۇرۇق ۋە ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە).
تەرسەڭ ئۈنىدۇ (ماقال).
ئۇ يەردە دەرەخلەر كۆكلەپ، گۈل - گىياھلار ئۈنۈپتۇ.
كۆچمە. قەپقالماق، تۆرەلمەك (بالا ھەققىدە).
قورساقتا ئۈنۈپ قالماق. قورساققا بالا ئۈنمەك.
پەيدا بولماق، ھازىر بولماق، كەلمەك.
بۇ ھاراقكەش نەدىن ئۈندى.
مەن كىشىلەر نامازدىن چىقماستىن بۇرۇن، بارىدىغان يېرىمگە ئۈنۈشۈم كېرەك.
راۋاجلانماق، روناق تاپماق، گۈللەنمەك.
ھۈنەر - قىلسا ئۈنەر (ماقال).