ئۇچⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئىنچىكىلەشكەن، ئۆتكۈر تەرىپى:[مىسال:] يىڭنىنىڭ ئۇچى. بىگىزنىڭ ئۇچى. نەيزىنىڭ ئۇچى.[يەشمىسى:] ② يىپ، سىم، تاياق قاتارلىقلار تەرەپلىرىنىڭ بىر بېشى:[مىسال:] ئارغامچىنىڭ ئۇچى. تاياقنىڭ ئۇچى.[يەشمىسى:] ③ قول، پۇت، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاخىرقى قىسمى:[مىسال:] بارماقنىڭ ئۇچى. ساقالنىڭ ئۇچىنى قىرقىماق.[يەشمىسى:] ④ بۇرجەكلىك بۇيۇملارنىڭ بۇرجىكى:[مىسال:] ياغلىقنىڭ ئۇچى. گالستۇكنىڭ چوڭ ئۇچى.[يەشمىسى:] ⑤ تىك ھالەتتىكى نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى قىسمى، چوققىسى:[مىسال:] تام تۈۋىدىن، دەرەخ ئۇچىدىن، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشلىنىش قىسمى، بېشى:[مىسال:] ئۇ بىرئاز ياقتۇرماسلىق، كەمسىتىش تەلەپپۇزى بىلەن گەپنىڭ ئۇچىنى چىقاردى.[يەشمىسى:] ⑦ گاڭبى قاتارلىقلارنىڭ خەت يازىدىغان، پۇلاتتىن ياسالغان قىسمى.⑧ تۇخۇمنىڭ توم، يوغان بولمىغان تەرىپى:[مىسال:] سىيىت مەشرەپكە كۆرەڭلەپ:[مىسال:] مۇشۇنداق توخۇمدىن ئىككى يۈزنىڭ ئۇچ-پاينىكىنى ئۇرۇۋالىمەن، دېدى.[يەشمىسى:] ⑨ مىلتىق، ئاپتومات قاتارلىقلارنىڭ قولدا تۇتىدىغان قىسمىغا قارىمۇقارشى تەرىپى:[مىسال:] مىلتىقنىڭ ئۇچىنى تەڭلىمەك.