ئىستېمال (ئىستېمالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ماددىي ئەشيالارنى سەرپ قىلىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش جەريانى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى ۋە شەخسىي ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ بىر ھالقىسىدۇر.[يەشمىسى:] ② ئىشلىتىش، قوللىنىش، پايدىلىنىش:[مىسال:] ئىستېمال ماللىرى. ئىستېمالدىكى سۆزلەر. ئىستېمالدىن قالغان سۆزلەر.[يەشمىسى:] ③ يېيىش-ئىچىش، قوبۇل قىلىش:[مىسال:] گۆش ئىستېمال قىلىش. دورا ئىستېمال قىلىش.