مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر دەۋر، بىر ئېقىم، بىر شەخسنىڭ ئەدەبىي ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن ئاساسىي ئىدىيىۋى ۋە بەدىئىي خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكى.
يازغۇچىنىڭ مۇستەقىل ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە پىشىپ يېتىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يازغۇچى - شائىرلىرىمىز تىرىشىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىشى لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
ئىدىيە، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئىپادىلەنگەن پوزىتسىيە؛ ھەرىكەت.
بيۇروكراتلىق ئىستىلى. ئىستىلى دۇرۇس كىشى. ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى.
>ئەد< مۇئەييەن بىر دەۋر، بىر مىللەت، بىر ئېقىم ياكى بىر كىشنىڭ ئەدەبىي ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن ئاساسىي ئىدىيىۋى ئالاھىدىلىك ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىك؛ ئۇسلۇب.
رومانتىكىلىق ئىستىل. كىتابىي ئىستىل.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئۇسۇلى.
رەھبەرلىك ئىستىلى.