Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تەڭپۇڭلاشتۇرۇش>، <ياخشىسىنى قوبۇل قىلىش>، <بىردىنبىر كاتتىسى> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ھەنەفىيە ئىلمى ئېقىمىنىڭ قوشۇمچە قانۇن پرىنسىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فەقىھلەرنىڭ شەرىئەتنى شەرھلىگەندە ياكى قازىلارنىڭ دېلو تەكشۈرۈش داۋامىدا ئەمەلىي ئېھتىياجنى نەزەرگە ئېلىپ قىياسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، جانلىق، ئۆزگىرىشچان ئۇسۇل، پرىنسىپلارنى قوللىنىپ، توغرا چۈشەندۈرۈشى ياكى ھۆكۈم چىقىرىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، سودا ئىشلىرىدىكى ئادەت بويىچە، ئىجارە ياكى ياللاش ھەققىگە بېرىلىدىغان ماددىي نەرسىلەر ئورنىغا ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. لېكىن شەرىئەتتە كىيىم - كېچەك، تاماق، ياتاق بېرىش شەرتى بىلەن ئىنكئانا ياللاشقا بولىدۇ. بۇ پرىنسىپ ئىستىسلاھ پرىنسىپىغا يېقىن بولۇپ، ئادەتتە قوللىنىلىدۇ.