ئىسىمداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىسمى ئوخشاش، ئوخشاش ئىسىمدىكى ئىسىمداش كىشىلەر:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىسىمداش. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىلنىڭ تۈرلىنىش ئارقىلىق ئىسىم ئىقتىدارىغا ئېرىشىپ، ھەرىكەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان، جۈملىدە ئىسىمغا ئوخشاش قوللىنىلىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىسىنىڭ بىرى. ئۇ، ھەرىكەتنى شەيئى سۈپىتىدە ئىپايدىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىمداشلارنىڭ «-ش» لىق ئىسىمداش، «-ماق» لىق ئىسىمداش، «-غۇ» لۇق ئىسىمداش، پۈتكەن ھاللىق ئىسىمداش، ئىزچىل ھاللىق ئىسىمداش، پۈتمىگەن ھاللىق ئىسىمداش، سۇبيېكت ئىسىمداش دېگەن تۈرلىرى بار.