ئىسلام دىنىنىڭ ئېتقاد ھۆكۈملىرى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ئۈچ تارمىقىنىڭ بىرىنچىسى. «ئىمان» سۆزىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىمان «كەلىمەئى تەۋھىد» كە مەركەزلەشكەن. ھەدىستىن قارىغاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد ھۆكۈملىرى: (1) ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ روسۇلىغا؛ (2) ئاللاھنىڭ مالائىكلىرىگە؛ (3) ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا؛ (4) ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە؛ (5) ئاخىرەت كۈنىگە؛ (6) قەدەرگە (ياخشىلىق يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تىلىكى، تەقدىرى ۋە يارىتىشى ئىكەنلىكىگە) چىن قەلبى بىلەن ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.