UyghurMain Dictionary
ئۆلكىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىسە
Domain: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
1905- يىلى شىنجاڭنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ۋالىيسى ۋۇيىڭسۇن ئەسلىدىكى بودا مەدرىسىنىڭ ئورنىغا ئالىي دەرىجىلىك مەدرىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ ھەربىي
مەمۇرىي ۋالىيسى لىيەنكۈي ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىسكە ئۆزگەرتىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ قارمىقىدا تولۇقسىز دارىلمۇئەللىمىن مەدرىسىنى تەسىس قىلغان. 11 ئوقۇتقۇچىسى، 16 ئوقۇغۇچىسى بولغان. يىللىق مائارىپ خىراجىتى 3680 سەر كۈمۈش بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.