Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوبودرىتىلار
Domain: دۇنيا تارىخى奥鲍德里特人
ào bào dé lǐ tè rén
يەنە بۇدرىچىلار دەپمۇ ئاتالغان. بولاب سلاۋىيانلارنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولۇپ، ئىلبا دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ ساكسونلار ۋە دانىيىلىكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ بېشىدا گېرمانلارغا بويسۇنغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېڭىۋاشتىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا ئۇلارنىڭ كىنەزى گوتشالك ليوگىچلار ۋە بىر قىسىم پوموللار بىلەن بىرلىشىپ، ۋېنېدى دۆلىتى (ۋېنېدى قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى) نى قۇرغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمان فېئوداللىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا گېرمانلىشىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.