ئىلگىرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئالدى تەرەپكە يۈرمەك، ئالدىغا ماڭماق، ئالدى يۆنىلىشكە قاراپ مەلۇم تېزلىك بىلەن يۈرمەك:[مىسال:] ئامبالنىڭ پوچتىسى توپنى يېرىپ، دەرۋازا تەرەپكە ئاستا ئىلگىرىلىدى.[يەشمىسى:] ② ئالغا باسماق، راۋاجلانماق، تەرەققىي تاپماق:[مىسال:] ئۇ ئىدارىمىزغا كەلگەن ئۈچ يىل ئىچىدە خېلىلا ئىلگىرىلەپ كەتتى.