ئىلغا قىلماق[يەشمىسى:] ① نىشانلىماق، كۆزگە چېلىقتۇرماق، قارىسىنى كۆرمەك:[مىسال:] ئوغرى قويۇق دەرەخزارلىق ئىچىدە تاملىرى ئاقىرىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۆينى ئىلغا قىلدى.[يەشمىسى:] ② كۆزىگە ئىلناشتۇرماق، پەرق قىلماق، پەرق ئەتمەك:[مىسال:] ئادىل ئۇدۇلغا قارىدى ئەمما، ئۇدۇلغا قارىغان بىلەن ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمىدى.