ئىلغاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مىللىي تېبابەتتە بىر خىل كېسەللىك. ئالامەتلىرى: بەدەننىڭ دۈمبە-غول قىسمىدا يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك قىزغۇچ چېكىت پەيدا بولىدۇ: بەدەن بىردەم قىزىش، بىردەم مۇزلاش ھالىتىدە بولىدۇ. شۇ قىزغۇچ چېكىتنى يىڭنە بىلەن كولاپ (ئېلىپ) ئىچىدىكى قىلغا ئوخشاش ئۇزۇن، ئىنچىكە يىپنى ئۈزۈۋەتسە ئازراق قارا قان چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىمار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ياكى پىيازنى غولغا سۈرتۈپ. كېيىن داچەندەك بىرنەرسە بىلەن سىيرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.