ئىلگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىنى قاغىتۇمشۇققا ئىلىپ قويىدىغان قىسمى:[مىسال:] زەر تۇتقان قىزىل كىيىم كىيگەن دەرۋازىۋەن دەرۋازىنىڭ ئىلگەكلىرىنى شاراقلىتىپ ئاچتى.[يەشمىسى:] ② چاپاننىڭ ياقىسىنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئىلىپ تۈگمىلەش ئۈچۈن تۇتۇلىدىغان ئىلمەك رولىنى ئوينايدىغان نەرسە.