چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىئەرەبچە
داۋا، شىپا؛ چارە، تەدبىر:
نې ئىلاج ئەيلەيكى، قەدرىمنى نىگارىم بىلمەدى،
فۇرقەتۇ دەردۇ غەمىمنى گۇلئۇزارىم بىلمەدى.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چارە، ئامال، داۋا: ئىلاج پەزىر - تۈزىلىدىغان، نەتىجە بېرىدىغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا قىلىنىدىغان ۋاستە، كېسەلنى ساقيتىدىغان نەرسە.
ئۆلۈمدىن باشقىغا داۋا بار. دەردكە داۋا، رەنجىگە شىپا. ئاغرىقنى ئۆزۈڭ ياپساڭ، شىپاسىنى نەدىن ئالارسەن؟ دەردكە دەرمان بول. ئىلاجى يوق كېسەل يوق. ئەمگەك كېسەلگە ئەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئامال، چارە، تەدبىر؛ ئىمكان.
ئىلاجى يوق. ئىلاج قىلماق. ئىلاج تاپماق. ئىلاج قانچە.