ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالماق[يەشمىسى:] ① ئىككى ئارىدا ھەرىكەت قىلماق، ئۇ تەرەپنىمۇ بۇ تەرەپنىمۇ تاشلىۋەتمەسلىك:[مىسال:] بۇ بالا ئىككى ئارىلىق بولۇپ چوڭ بولدى، شۇڭا بەك ئەركە.[يەشمىسى:] ② ئىككى ئارىدا ئارىسالدى بولماق:[مىسال:] يېقىندىن بېرى ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭغا قارىسام بۇ قالىدۇ، بۇنىڭغا قارىسام ئۇ.