ئىككى تىللىق[يەشمىسى:] ① ئىككى خىل تىل بىلىدىغان:[مىسال:] ئۇ ساقال-بۇرۇت قويۇۋالغان، خۇش پىچىم، ئىككى تىللىق سۆزمەن ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② كۆڭلىدە ئىككى نىيەت ئويلايدىغان، ئىككى كىشىگە ئىككى خىل گەپ قىلىدىغان؛ تىلى باشقا، دىلى باشقا:[مىسال:] ئىككى تىللىق كىشىدىن خۇدا ساقلىسۇن.