ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كىشىلىك جەمئىيەتكە، كىشىلەر پائالىيىتىگە، كىشىلەر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئائىت بولغان.
ئىجتىمائىي تۈزۈم. ئىجتىمائىي تەرەققىيات. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت. ئىجتىمائىي فورماتسىيە. ئىجتىمائىي پەن.
جەمئىيەتنىڭ، ئاممىنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ۋە باشقا ئېھتياجلىرى ئۈچۈن ئىختىيارىي رەۋىشتە خىزمەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
ئىجتىمائىي تەشكىلات. ئىجتىمائىي تەمىنات. ئىجتىمائىي ئىشلار.
ئاممىغا، ئومۇمغا تېگىشلىك، ئومۇمىي.
ئىجتىمائىي مۈلۈك.