ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
كېلىش كاتېگورىيىلىرىنىڭ بىرى، يەنى بەلگىلىك گرامماتىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تەۋەلىگۈچى شەيئى ئىكەنلىكىنى، جۈملىدە كۆپىنچە ئېنىقلىغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان كېلىش. ئۇيغۇر تىلىدا ئىگىلىك كېلىش شەكلى ئىسىملارغا <- نىڭ> قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.