Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىجىبرىئىل،مىكائىل ۋە ئىسرافىل بىلەن بىر قاتاردىكى تۆت پەرىشتىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئۇنىڭ ئىسىمى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇ ئىنساننىڭ ھايات - ماماتىنى ئىدارە قىلىدىغان پەرىشتە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دە : «سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دېيىلگەن (32 - سۈرىنىڭ 11- ئايىتى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئەجەل پەرىشتىسى.
بىز بەگنى ئەزرائىلدەك ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق.