تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئەگۇز.
ئەرگۈز سۇۋ _ ئەگۇز سۈيى. ئەتىيازدا قار ۋە مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان سۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياي بارۇپان ئەرگۈزى
ئاقتى ئاقىن مۇندۇزى
تۇغدى يارۇق يۇلدۇزى
تىڭلا سۆزۈم كۈلكۈسۈز
{باھار كېتىش بىلەن ئەگۇز (سۇلار)،
كەلكۈن ئېقىن بولۇپ ئاقتى.
يورۇق يۇلتۇز تۇغدى،
سۆزۈمنى كۈلمەستىن ئاڭلا.}
ئەتىياز تېڭى يورىدى، مۇزلار ئېرىپ، قاتتىق سەلدەك ئاقتى، تاڭ يۇلتۇزى نۇر چېچىپ چىقتى، ئاجايىپ سۆزۈمنى كۈلمەستىن ئاڭلا.
1 - 129