شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، ئەنجۈرگە ئۇرۇقداش
بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ، ھۆل ۋە يوپۇرماقلىرى سۇندۇرۇلسا، ئاق سۈت چىقىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ
ئۆسكەن، قېلىنراق، شەكلى يۇمىلاقراق، تۈۋى يۈرەكسىمان بولۇپ، ئادەتتە بەشكە يېرىلىدۇ؛ گۈللىرى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى شار شەكىللىك گۈل
تېگىگە يوشۇرۇنۇپ، يوشۇرۇن باشلىق گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈل تېگى تەدرىجىي چوڭىيىپ تەتۈر تۇخۇم
شەكلىدىكى گۆشلۈك يالغان مېۋىگە ئايلىنىدۇ. مېۋىسى خام چېغىدا يېشىل رەڭدە بولۇپ، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە
كىرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، قايناق سۇغا بېسىپ
ئالغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ
ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، رېماتىزىمنى
ياخشىلاش، قان توختىتىش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام ئەنجۈرنى 20 گرام قۇرۇق ئۈزۈم، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇرۇق يۆتەل ۋە سوزۇلما
خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەنجۈر ۋە تۇخۇمەكگۈلىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئەنجۈر يىلتىزىنى توخۇ تۇخۇمى بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پەي، سۆڭەك ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەنجۈرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەنجۈر قېقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
5.1 كىلوگرام ئەنجۈرنى ئىككى كىلوگرام سۇدا، 550 گرام نوقۇتنى ئىككى كىلوگرام سۇدا ئايرىم - ئايرىم سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ،
سۈيى سوۋۇغاندىن كېيىن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈچ گرام قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ، ئايرىم سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە ھەسەل سېلىپ قىيام قىلىپ، بۇ
قىيامنى نوقۇت - ئەنجۈر ئارىلاشمىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، يۈرەك ئاجىزلىق،
مەنىي ئازلىق، باھ ئاجىزلىق ۋە بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
Domain: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئەنجۈرنىڭ گۈللىرى يوغان ھەم گۆشلەشكەن خالتىسىمان گۈل تېگىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، بوتانىكىدا »يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى« دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەنجۈرنىڭ گۆشلەشكەن گۈل تېگىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تىۋىتسىمان گۈللىرى ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى سۇس قىزىل بولۇپ، ئۈستۈنكى يېرىمىدىكىلەر ئاتىلىق گۈللىرى، ئاستىنقى يېرىمىدىكىلەر ئانىلىق گۈللىرىدۇر. بەزى سورتلىرىنىڭ گۆشلەشكەن گۈل تېگى ئىچىدە پارازىت ھەرىنىڭ تۇخۇملىرى بولۇپ، شۇ جايدا ئۇچۇرۇم بولغان پارازىت ھەرىنىڭ چاڭلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ ئۇرۇق ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، »ھاشاراتلىق گۈل« دېيىلىدۇ. ئادەملەر يەيدىغان ئەنجۈر ئەمەلىيەتتە مېۋە بولماستىن، بەلكى يوغىناپ گۆشلەشكەن گۈل تېگىدىن ئىبارەت. ئەنجۈرنىڭ ئۇرۇقى ئۇششاق ھەم يۇمشاق بولغاچقا، يېڭى پېتى يېگەندە ئاسان سەزگىلى بولمايدۇ.
ئەنجۈرنىڭ ئەسلىي ماكانى غەربىي ئاسىيادىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە يەمەن قاتارلىق جايلاردۇر. پۈتۈن دۇنيادا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ئەنجۈر سورتلىرى1000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنى تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يەنى، ئادەتتىكى تۈر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەر بىر جىنسلىق مېۋىلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بىر يىلدا ئىككى قېتىم مېۋىلەيدۇ؛ سىمىل تۈرىدىكىلەر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەرنىڭ پەقەت ئانىلىق گۈللىرىلا بولۇپ، پارازىت ھەرىلەرنىڭ چاڭلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ مېۋىلەيدۇ؛ ياۋا تۈر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەرنىڭ ئاتىلىق گۈللىرى بىلەن ھاشاراتلىق گۈللىرىلا بولۇپ، ئانىلىق گۈللىرى بەكمۇ ئاز، مېۋىسى كىچىك بولغاچقا، باشقا تۈردىكى ئەنجۈرلەرنى چاڭلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئوتتۇرا تۈردىكىلەر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەر ئەتىيازدا چېچەكلەپ چاڭلاشمىسىمۇ مېۋىلەيدۇ، ئەمما كۈزدە چاڭلىنالىسا تەرەققىي قىلىپ يېتىلىپ مۇرەككەپ مېۋىگە ئايلىنالايدۇ.
ئەنجۈرنىڭ تەمى خۇددى باناندەك مەززىلىك ھەم تاتلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولىدۇ. ھۆل مېۋىسىنىڭ تەركىبىدىكى فرۇكتوزا بىلەن گلۇكوزىنىڭ مىقدارى15 ~ 28 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇپ پەشمەتتەك تاتلىق بولغاچقا، ئۇنى پىششىقلاپ بالقاق، ئەنجۈر قېقى، ئەنجۈر مۇرابباسى ۋە كونسېرۋا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا بولىدۇ. ئەنجۈر قېقىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇ ئىشتىھانى ئېچىپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، يۇتقۇنچاق - كېكىرتەك ياللۇغىنى داۋالاش، شۇنىڭدەك يۆتەل، قان قۇسۇش ۋە بوۋاسىر (گېموروي) لارنى داۋالاشتىكى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا ئەنجۈرگە ئوخشاش گۈللىرىنى كۆرسەتمەي مېۋىلەيدىغان دەرەخلەردىن يەنە ياۋا ئەنجۈر دەرىخى، فىكوس دەرىخى، ھىندىستان كاۋچوك دەرىخى، پىستەك ئەنجۈر قاتارلىقلار بار.